ساغلام جوڭگۇ دۆلەت پىلانىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

  دۆلىتىمىزنىڭ ساغلام جۇڭگو يىرىك پىلان پروگراممىسىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى 15 يىلدا "ساغلام جۇڭگو" قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پروگراممىسى بېكىتىلدى.

ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش ، ساغلام تۇرمۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش ، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ، ساغلاملىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ، تېببىي دورىگەرلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ساغلاملىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ...قاتارلىق ئالاقىدار مەزمۇنلار بىكىتىلگەن.



 ساغلام جوڭگۇ دۆلەت قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە :

يېڭى پۇرسەت ، يېڭى خىرىس :

كەلگۈسى 15 يىل ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى.

ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا ، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاش خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ،  ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆسۈشى ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق يارىتىدۇ ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى ، تېخىمۇ مۇقىملىشىشى ساغلاملىق ساھەسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ .


   ساغلاملىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ، ساغلاملىقنى بارلىق سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈپ ، ساغلاملىق ساھەسىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ھەر تەرەپلىمە ، تولۇق دەۋرىيلىك قوغداپ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ، ساغلاملىق سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ ، ساغلاملىق ئادىللىقىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ ، « ئىككى 100 يىل » كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا  پۇختا ساغلاملىق ئاساسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.


« ئورتاق قۇرۇش ، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى » ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي تېمىسى .

  خەلق ساغلاملىقىنى مەركەز ، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم نۇقتا ، ئىسلاھات ، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس ، جۇڭگو - غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ ، ساغلاملىقنى بارلىق سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈپ ، خەلق ئورتاق بەرپا قىلىش ، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنى ،  تۇرمۇش ھەرىكەت شەكلى ، ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش مۇھىتى ۋە داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قاتارلىق ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارغا قارىتا ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن جەمئىيەت ، شەخسلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ ، ھەممە ئادەم قاتنىشىش ، ھەممە ئادەم كۈچ چىقىرىش ، ھەممە ئادەم بەھرىمەن بولۇش ، ئالدىنى ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساس قىلىپ ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ ، كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىپ ، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش ، بالدۇر داۋالاش ، بالدۇر سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك .

يېڭى كەلگۈسىدىكى 2030-يىلىغا بارغاندا :

 ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ساغلاملىق ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ، ساغلاملىق مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ساغلاملىق كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ، ساغلاملىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، ساغلاملىق ئادىللىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ ، ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش كېرەك .

كەلگۈسى 2050 - يىلىغا بارغاندا ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتكە ماس كېلىدىغان ساغلام دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك .

   ساغلاملىق   كەسپىنىڭ   كۆلىمىنى  2030-يىلىغا بارغاندا ، كۆرۈنەرلىك   كېڭەيتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل ، قۇرۇلمىسى ياخشى ساغلام كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم بىر قەدەر كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنى شەكىللەندۈرۈپ،  خەلق ئىگىلىكىنىڭ تۈۋرۈكلۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.


来源:人民网



بىزنىڭ يېڭى دەۋر گۇرۇھىمىز بولسا- «ساغلام جۇڭگو 12 - بەش 

يىللىق دۆلەت يۇقىرى تېخنىكا تەتقىقاتى تەرەققىيات پىلانى»(863 پىلان) تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار ئارقىلىق،  2030 ساغلام جوڭگۇ قۇرلۇشى پىلانىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مۇنتىزىم دۆلەت كارخانىسىدۇر

新时代集团公司承担了,“健康中国十二•五”国家高技术研究发展计划(863计划)项目

 يېڭى دەۋر گوروھىغا ئەگىشىپ، ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزايلى!



健康中国大任国珍 赵琳教授



جوڭگۇ ئېنېرگىيە تېجەش مۇھىت ئاسراش باش گۇرۇھى، جوڭگۇ يېڭى دەۋر ساغلاملىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئاساسىدىكى، 2030ساغلام جوڭگۇ قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشتىكى تەشۋىقات تور بېكىتى. بىكەتنىڭ بارلىق ھوقوقى دۆلەت گۆھىرى ساغلام تۇرمۇش تورىغا تەۋە ئوخشىتىپ ياسىماڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! گۈزەل ئەخلاق ئەڭ ئىسىل زىننەتتۇر. دۆلىتىمىزنىڭ - مىللىي ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىنسانىيەت ساغلاملىقى ئۇچۇن زور تۆھپە قوشايلى ! .......... ا 发展民族企业、造福人类健康。 反对宗教极端主义,打造健康中国 。消费产品是爱国家 ,合作是贡献我祖国 !发展祖国人人有责

Dolatgohiri.com


دۆلەت گۆھىرى ساغلام تۇرمۇش تورى

جۇڭگو يېڭى دەۋر ساغلاملىق گوروھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تور بىكىتى ئاساسىدىكى تەرجىمە بىكەت

中国新时代健康产业(集团)有限公司网站资料翻译网站 New Era Health Industry (Group) Co.Lt (to translate network

13399778100 :ئۈندىدار : QQ :تېلفۇن

公安部备案号:65312102000010

备案号:新ICP备15003468


 
مۇلازىمەت تېلېفونى: